خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنستىرى ۋاڭ يى دۇنيانى تالىبانلارغا «ئوبيېكتىپ» مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۇنيانى تالىبانلارغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشكە چاقىرغان. ئۇ يەنە تالىبانلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن «ئاقىلانە» بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى بۇ سۆزلەرنى ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنك رائاب بىلەن تېلىفون سۆھبىتى قىلغاندا دېگەن. ئۇ سۆزىدە «خەلقئارا جەمئىيەت تالىبانغا بېسىم قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە يېتەكلىشى كېرەك،» دېگەن. ۋاڭ يىنىڭ بۇ سۆزلىرى بۈگۈن خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تالىباننى تېخى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تالىبان بىلەن ئالىقاچان غەيرى-رەسمىي ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تالىبان ۋەكىللىرىنى بېيجىڭدا كۈتۈۋېلىپ، مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ئىدى.

خەۋەرلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشنى باشلىغاندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇ «سىياسىي بوشلۇق» نى تولدۇرۇشقا قاتتىق ئالدىرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ 19-ئاۋغۇست كۈنى قىلغان سۆزىدە تالىباننى قوللاپ: «بىر مەسىلىگە باھا بەرگەندە، بىز ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغىمۇ قارىشىمىز كېرەك. . . ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تاشقىي دۇنيانىڭ بىر دۆلەتكە بەرگەن ھۆكۈمى ئوبيېكتىپ ۋە توغرا ئەمەس،» دېگەن.

چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھادىسە ئەمەس، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق نەچچە ئون يىللاپ تارىخقا ئىگە. تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بۇ خىلدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىرىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.