خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ۋە پاكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى شاھ ماھمۇت قۇرەشى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، تالىباننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» گە زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ۋاڭ يى ئۇلار بىلەن 18-ئاۋغۇست كۈنى سۆزلەشكەن.
خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئافغانىستاندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ مەۋجۇتلىقى گۇمانلىق، دەپ قارىسىمۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بۇ تەشكىلاتنى «تېرورلىق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ تەشكىلاتنى ئىزچىل ھالدا «رېئال تەھدىت» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلكەن.
يېقىندا تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى كونترول قىلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال تالىبانلارنى قوللايدىغانلىقى، بىراق تالىباننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى يوقىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى داۋاملىق «رېئال تېرورلۇق تەھدىتى» دەپ كۆرستىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە چاۋۇشئوغلۇ ۋە قۇرەشىنىڭ قانداق ئىنكاس قايرۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ يى چاۋۇشئوغلۇغا: «ئافغان تالىبانلىرى بارلىق تېرورلىق كۈچلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئېنىق ئۈزۈشى ۋە تەدبىر قوللىنىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قارارلاشتۇرۇلغان خەلقئارا تېرورلىق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى باستۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.
ئۇ قۇرەشى بىلەن سۆزلەشكەندە، «ھەرقايسىي تەرەپلەر ئافغانىستاننىڭ تېرورلۇققا زەربە بېرىشىنى قوللىشى، ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بازىسىغا ئايلىنىشىغا يول قويماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان.