«يەر شارى ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «خىتاي قەتئىي تەۋرەنمەي كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قوغدايدۇ» دېگەن.
ۋاڭ يى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى بازارغا سېلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا سىستېمىنى يادرو قىلىپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوللىشىمىز، سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك؛ تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ماددىي ئاساس يارىتىشىمىز كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سەھنە ھازىرلاپ، ئادىللىق ۋە ئادالەتنى قوغدىشىمىز كېرەك. »
ھالبۇكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تىرانا ھەسەن 12-ئاينىڭ 5-كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
تىرانا ھەسەن مۇنداق دېگەن: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ جىنايەتلەر ئۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك ئېلىپ بېرىش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» .
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ۋاڭ يىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ۋە نومۇسسىزلىقى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئاسىيا تەتقىقات پىروفېسسورى مەگنۇس فىسكەسىيو X (تىۋىتتېر) دا مۇنداق دەپ يازغان: «ۋاڭ يى مۇشۇ سۆزلەرنى دېگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نومۇسسىزلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ» .