ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگوغا مەسئۇل بىر خادىمى ئۆتكەن ھەپتە ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ چىرىكلىك ئەھۋالىنى خېلى يىللاردىن بېرى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
موسكۋا باياناتچىسى بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مەزكۇر خەۋەرنى تىپىك بىر مەسئۇلىيەتسىز ئاخبارات دېلوسى دېگەن ۋە ئاقساراينى دېگەنلىرى ئۈچۈن ئىسپات كۆرسىتىشكە چاقىرغان.
ئاقساراينىڭ ئالاقىدار خادىمى ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۆزىدە پۇتىننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە يوشۇرۇن شەكىلدە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت بايلىقىنى يېقىنلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ئۇلارنىڭ بېيىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىمۇ بايلىق توپلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كرېملىننىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىغا ئىقتىسادىي جازا قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما پۇتىننىڭ ئىسمىنى ئېنىق ھالدا تىلغا ئالمىغان. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پۇتىن ب ب س مۇخبىرىنىڭ بۇ تېمىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىغان.