«ۋاشنگىتون پوچتىسى» : ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن خىتايغا تەڭ قارشى تۇرالايدۇ

ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەردە «رۇسىيە بىلەن خىتاي كۈچلىنىپ كەتتى، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ» دەيدىغان قاراش ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقانىدى. 4-ئاۋغۇست كۈنى «ۋاشنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە يۇقىرىقى قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ھەپتە ئامېرىكا ھېچقانداق جەڭ قوزغىمايلا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تەڭلا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى، بەلكى ھەر قانداق جەڭدە غالىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. نەتىجىدە ئامېرىكادا ‹رۇسىيەنى قويۇپ خىتايغا قارشى تۇرۇش كېرەك› دەيدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن، ‹خىتاينى قويۇپ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش كېرەك› دەيدىغان دېموكراتچىلارنىڭ تالىشىدىغان يېرى قالمىدى، چۈنكى ھازىر ھەر ئىككىسىگە قارشى تۇرۇۋاتىمىز».

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز (Ted Cruz) ناتونى كېڭەيتىش توغرىلىق ئاۋاز بېرىش ئالدىدا مۇنداق دېگەن: «بىز دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چېكىنىش ئارقىلىق خىتايغا زەربە بەرمەيمىز، بەلكى ئۇلارغا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ زەربە بېرىمىز».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئوتتۇرىسىدا بىرنى تاللىشى كېرەك» دېگەن پىكىر قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتايدەك ئىككى مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىۋېلىشىدەك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، كەلگۈسىدىكى كۈرەش ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقى، دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك، ھەققانىيەت بىلەن زۇلۇم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولىدىكەن.