خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى يىغىن ۋاشىنگتوندا ئېچىلماقچى

ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى، ۋاشىنگتون ۋاقتى 29-ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 11 دىن سائەت 12:30 غىچە ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى رايبۇرن خائۇس سارىيىدا ئېچىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىن ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئىشخانىسىدىن ھېنريك سزادزىئېۋسكى ئەپەندى، گرېگ فاي ئەپەندى، ئەركىنلىك سارىيىدىن دىنىي ئەركىنلىك پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى دوكتور سۇئې گۇناۋاردېنا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن دوكتور سوپخىئې رىچاردسون قاتارلىقلار دوكلات بېرىدۇ.