سام بروۋنبەك: «ۋاتىكان شەيتان بىلەن كېلىشىم تۈزمەسلىكى، بەلكى ئۇنى قوغلىۋېتىشى كېرەك»

ئامېرىكانىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ۋاتىكاننى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان يۇمشاق سىياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرغان. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە كاتولىك دىنى ئاگېنتلىقى (CNA) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ۋاتىكاننىڭ ئەخلاق نوپۇزى ناھايىتى مۇھىم. سىز شەيتان بىلەن كېلىشىم تۈزمەسلىكىڭىز، بەلكى ئۇنى قوغلىۋېتىشىڭىز كېرەك».

«برايتبارت خەۋەرلىرى» (Breitbart News) تورىنىڭ 17-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سام بروۋنبەك ۋاتىكاننىڭ خىتايدىكى دىنىي زىيانكەشلىككە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دوكلات خىتاينىڭ ھەر خىل دىنلارغا قوزغىغان ھۇجۇمىنى خاتىرىلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر كوممۇنىست ھاكىمىيەت، كوممۇنىستلار دىنغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ھەممىدىن ئۇلۇغ ئەخلاق ئىگىسى، يەنى ئىلاھ بىلەن ۋە ھەر قانداق شەكىلدىكى ئېتىقاد بىلەن چىقىشالمايدۇ. ئۇلار مەيلى تىبەت بۇددىستلىرى، ئائىلىۋى چېركاۋدا ئىبادەت قىلىدىغان خىرىستىيان مۇخلىسلىرى، يەر ئاستى كاتولىك دىنى جەمئىيىتى ئەزالىرى، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەممىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ».

سام بروۋنبەك ۋاتىكاننىڭ ئەزەلدىن خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ۋاتىكاننى بۇ خىل يۇمشاق سىياسەتتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلغان ھەمدە ۋاتىكاننىڭ ئۆز نوپۇزىدىن پايدىللىنىپ، بېسىم قىلالايدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاتىكان پاپاسى فرانسىس ۋە باشقا غوللۇق روھانىيلار گەرچە باشقا جايلاردىكى دىنىي زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە توختىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. پاپا فرانسىس ھەتتا خىتاينى مەدھىيەلەپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى ئىبادەتخانىلارنىڭ ئاۋات ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ھەتتا كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپ، خىتايدىكى كاتولىك دىنى پوپىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشقا يول قويغان.

سام بروۋنبەكنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاتىكان ئامېرىكانىڭ 20 يىل ئاۋۋال ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى سادىر قىلماقتا، يەنى ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا خىتايغا دۇنيا سودىسىنى ئېچىپ بېرىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە قاراپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلغان، ۋاتىكانمۇ ئوخشاشلا مۇشۇنداق خام خىيالدا بولماقتا. بروۋنبەك مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قىلچە پايدىسى يوق، مەنچە ۋاتىكان ئۈچۈنمۇ شۇنداق».