خۇ جيا «WeChat» نىڭ خەتىرى ھەققىدە توختالدى


بېيجىڭدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۆكتىچى زات خۇ جيا ئەپەندى خىتايدا كەڭ ئومۇملاشقان «WeChat» يەنى «ئۈن دىدار» نىڭ دائىرىلەرنىڭ پائالىيەتچىلەرنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جيا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۆكتىچىلەرنى «ئۈن دىدار» ئارقىلىق 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرالايدىغانلىقىنى مىساللار چۈشەندۈرگەن.

ئۇ، ئۆزى ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنى كۆزىتىشكە كەلگەندە «ئۈن دىدار» يۇمتالىنى بازارغا سالغان ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان «Tencent» شىركىتىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خۇ جيا مۇنداق دېگەن: مەسىلەن دائىرىلەر دوستلىرىمنى تۇتۇپ مەن بىلەن بولۇنغان گەپلەر ھەققىدە سوراق قىلغاندا، مەن دوستلىرىم بىلەن بىر سائەت ئاۋۋال قىلغان سۆھبەتلەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەينەن قويۇلۇپتۇ.

خۇ جيانىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئەگەر ئۇ «ئۈن دىدار» نى ئىشلىتىپ دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشمىغان تەقدىرىمدىمۇ، دائىرىلەر تېلېفوندىكى يەر يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرالايدىكەن.

ئۇ بۇنىمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەرگەن.

خۇ جىيا خىتايدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن دېموكراتچى ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى بولۇپ، 2008 - يىلى قولغا ئېلىنىپ 3 يېرىم يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئۇ، شۇندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەربەند قىلىشىدىن قۇتۇلالمىغان.