ۋەلى ناسىرنىڭ ساختا  ئىنسانپەرۋەرلىكى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى نيۇ-يورك شۆبىسىنىڭ مۇدىرى، جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋەلى ناسىر (Vali Nasr) 2-نويابىر كۈنى مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Turk) كە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان. ئۇ خېتىدە «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن» ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇزۇن يىللىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇ مەكتۇپىدا پەلەستىندىكى غەززە (Gaza) رايونىدا ھازىر قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى، بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە يەزىدى مۇسۇلمانلىرى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىمۇ ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ خىلدىكى قەبىھلىكلەرنى توختىتىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. شۇنىڭدەك «بىز ئوپئوچۇق قىرغىنچىلىق بولۇۋاتسىمۇ يەنىلا ئۇنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىمىز» دېگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىردەك «قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزى ئىشلىگەن كېڭەشنىڭ ئوخشاشلا ھېچ ئىش قىلمىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقىنىغا ئاللىقاچان ئالتە يىلدىن ئاشقانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

ۋەلى ناسىرنىڭ ئىستېپا سوراش مەكتۇپى ئۇنىڭ X (بۇرۇنقى تىۋىتتېر) بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، زور غۇلغۇلا ۋە تەنقىدكە سەۋەب بولغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېينخارد بۇتىكوفېر (Reinhard Hans Bütikofer) بۇنى مازاق قىلىپ: «ۋەلى ناسىر ئەپەندى! خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ‹قىرغىنچىلىق› مۇ دېمەيلى، ئۇلارنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دېگەن ھالەتتىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قانچە خادىمى مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىپ باقتى؟» دەپ سوئال قويغان. ياۋروپادىكى ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جايا پاساك (Jaya Pathak) بۇنى ھەمبەھىرلەش بىلەن بىرگە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قاراپ تۇرۇپ نۇرغۇنلىغان جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش ھەققىدە سۆز قىلمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىدە «‹مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى› ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تاغدەك ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەردى. قېنى، بۇ تۈپەيلىدىن بىرەرسىڭلار ئىستېپا بېرىپ باقتىڭلارمۇ؟» دەيدۇ.