ۋېن جياباۋنىڭ قىزى بىر ئامېرىكا شىركىتى بىلەن شېرىكلىشىپ غايەت زور پايدا قازانغان

خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ قىزى، ئامېرىكىنىڭ جپ مورگان بانكىسىغا مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ 2 يىلدا 1 مىليون 800 مىڭ دوللار پايدا قازانغان.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ قىزى ۋېن رۇچۈن، دادىسى باش مىنىستىر ۋاقتىدا فۇلمارك ناملىق مەسلىھەت مۇلازىمەت شىركىتى قۇرغان.

بۇ شىركەتنى ئامېرىكىنىڭ ج پ مورگان بانكىسىنىڭ خوڭكوڭ تارمىقى 2006-2008-يىلى ئارىسىدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئايلىقىغا 75 مىڭ دوللاردىن مائاش بەرگەن. ئاران ئىككىلا خىزمەتچىسى بولغان مەزكۇر مەسلىھەت شىركىتى مەزكۇر ئامېرىكا شىركىتىدىن 2 يىلدا جەمئىي 1 مىليون 800 مىڭ دوللار مائاش ئالغان.

ئامېرىكا بانكىسىمۇ بۇ مەسلىھەت شىركىتىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن خىتاي تۆمۈر يول شىركىتى بىلەن بىر قېتىمدىلا 5 مىليون دوللارلىق قىممىتىدە سۇغۇرتا مۇلازىمىتىگە توختاملاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋېن رۇچۈن مەزكۇر مەسلىھەت شىركىتىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئەمەس، بەلكى لىي چاڭ دېگەن يالغان ئىسىم بىلەن قۇرغان.

ئادەتتە ئامېرىكا قانۇنى بويىچە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تىجارىتى داۋامىدا چىرىك يوللار ئارقىلىق پايدا قازىنىشى چەكلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ج پ مورگان بانكىسىنىڭ سابىق باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ قىزى بىلەن نادۇرۇست شېرىكچىلىكى بار- يوقلۇقى تەكشۈرۈلمەكتە.