ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن تۇنىيازنى كۈتۈۋېلىشى تەنقىدلەندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى بايان قىلىش» تەشۋىقاتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى تاشقى دۇنياغا ئۆز تەشۋىقاتچىلىرىنى ئەۋەتىش بولۇپ، 2023-يىلى سېنتەبىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى بىر تەشۋىقات ئۆمىكى دەل مۇشۇ مەقسەتتە ياۋروپاغا يول ئالغانىدى. يېقىندا ئۇلارنىڭ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى كەسكىن ئەيىبلىدى.

«دۆلەتلىك باھا» ژۇرنىلىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى شۇ ۋاقىتتا ۋېنگىرىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەخپىي تۇتۇلغان. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 10-دېكابىردا ئەركىن تۇنىيازنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكارلىق رولى سەۋەبىدىن «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جازا ئېلان قىلغان. گەرچە ۋېنگىرىيە دائىرىلىرى بۇ ئىشنى مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ ئەمما خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» 11-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ زىيارەتتە ئۇنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۆلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارنى تونۇشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

25-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدىكى باش ئەلچىسى دېيۋىد پرېسمان (David Pressman) ئەلچىخانىنىڭ X يەنى بۇرۇنقى تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغان بىر خىتاي ئەمەلدارىنى كۈتۈۋالدى» دەپ يازغان. شۇنداقلا بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ياۋروپا سەپىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تاشقى دۇنيانىڭ كەسكىن تەنقىدلىرى تۈپەيلىدىن بىر قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.