ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئەركىنلىك سارىيى خىتاينى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللىرسوندىن ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت قاتارلىق 7 نەپەر ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك تەرىپىدىن تەييارلانغان باياناتتا، رېكىس تېللىرسوننىڭ بۇ تۇنجى زىيارىتىنىڭ پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئېقىمىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئۇچرىشىشلىقى، شۇڭا بۇنداق بىر ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق پىرىنسىپى، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئەركىنلىك سارىيى رېكىس تېللېرسوندىن خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، دىنى ئەركىنلىك ۋە چەتئەل مۇستەقىل ئورگانلىرى نىشان قىلىنغان ئالاقىدار قانۇنلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە 7 نەپەر ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ داۋاسىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ئۆتكەن يىل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كورلادىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنغان، مىسرانىم تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت بولۇپ، ئەركىنلىك سارىيى بۇ سىياسىي مەھبۇسلار ئۈستىدىن تېخىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەركىنلىك سارىيى باياناتىدا يەنە، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.