جىمىي ۋالېس: ۋىكىپىدىيە مەزمۇنىغا چەكلىمە قويۇشنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ

تور قامۇسى-ۋىكىپىدىيەنىڭ قۇرغۇچىسى جىمىي ۋالېس، ۋىكىپىدىيە مەڭگۈ خىتايدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى دەپ، مەزمۇنغا چەكلىمە قويۇلۇشنى قوبۇل قىلمايدۇ، دېدى. جىمىي ۋالېس بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە قىلغان. ئۇ، خىتاينىڭ ۋېجېن شەھىرىدە چاقىرغان 2‏-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئىدى.

جىمىي ۋالىېسنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋىكىپىدىيە قاتارلىق خەلقئارا شىركەتلەرنى بۇ قۇرۇلتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىش خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خوڭكوڭ ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىمىي ۋالېس پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنېتى تور ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى لۇ ۋېي بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆز-ئارا تونۇشۇپ قويۇش ئۈچۈنلا كۆرۈشكەنلىكىنى، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ھېچقانداق كونكرېت مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

جىمىي ۋالېس، مۇخبىرلارنىڭ ۋىكىپىدىيە خىتايدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە بەزى ئۇچۇرلارنى توسۇشقا ماقۇل بولامدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «مەڭگۈ ئۇنداق قىلمايدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ 2‏-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىنتېرنېت قۇرۇلتىيى 16-دېكابىر باشلانغان. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاي رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيانى ئورتاق تور باشقۇرۇش نىزامى تۈزۈپ چىقىشقا چاقىرغان.