خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 21-ئاۋغۇست چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى «40 يىللىق ئىسلاھات رەھبەرلىك كومىتېتى» ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە كېلىپ، ما شىڭرۈي قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە، ۋىيېتنام ۋەكىللىرى خىتايغا زىيارەتكە كېلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ۋىيېتنامنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنى تۈزەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە بۇ رايون بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 15-ۋە 16-ئاۋغۇست كۈنلىرى كامبودژا پادىشاھى نورودۇم سىخامونى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» دىپلوماتىيەسىدە پەۋقۇلئاددە رول ئالغانىدى.
يۇقىرىقى خەۋەرلەردىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى مۇستەبىتلىك بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باشقۇرۇش مودېلى» قىلىپ كۆرسىتىش دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەتراپتىكى كوممۇنىست ياكى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ئاز-تولا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىدىن ئىلھام ئېلىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.