دېموكراتىيە مودېلى- ۋۇكەن كەنت باشلىقىنىڭ تېلېۋىزىيە ئىقرارى گۇمان قوزغىدى

2011-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتايدا تۇنجى بولۇپ ئەركىن سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋە «خىتايدىكى دېموكراتىيە مودېلى» دەپ تونۇلغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ ناھىيە ۋۇكەن كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئۇشتۇمتۇت ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە دۈشەنبە كۈنى خىتاي تېلېۋىزىيەسىدە ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان كۆرۈنۈشى خەۋەر قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋۇكەندىكى ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، كەنت باشلىقى لىن زۇليەننىڭ مەزكۇر ئىقرارنامىسى ئاھالىلەردە گۇمان قوزغىغان، يەنى ئاھالىلەر مەزكۇر ئىقرار مەجبۇرىي قىلدۇرۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

لىن زۇليەننىڭ ئايالىمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئېرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان.

خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، لىن زۇليەن تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئاۋۋال، 2011-يىلىدىكى نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما تېخىچە ھەل بولمىغان كەنت تەۋەلىكىدىكى يەرلەرنىڭ بەزى شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن.