پىتىر ناۋاررو:» ‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى توختىتىپ قالالمايدۇ»

ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پىتىر ناۋاررو ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان سودىدىكى جازا تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن چېكىنگەن تەقدىردىمۇ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى «CNBC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ساھەسىدە ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان سودا جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. بىراق ئامېرىكا ئاقساراينىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى پىتىر ناۋاررو بۇنى رەت قىلدى.

ئۇ «CNBC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ ۋال-سترىت پاي چېكى بازىرىدىن تارقالغان گەپ. ئۇلار بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى مۇنازىرىگە قويۇش ئارقىلىق كىرىزىسكە پايدىسىز ۋەزىيەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.

پىتىر ناۋاررو ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن قويۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى، بۇ تەدبىرلەر خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئامېرىكا شېركەتلىرى ۋە ئامېرىكا ئەمگەكچىلىرىنى تىجارەتتىن مەھرۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن قويۇلغان،» دېگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ماللىرىغا مىلياردلارچە دوللار قىممىتىدە تاموژنا بېجى قويغان. 15-يانۋار كۈنى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا تۇنجى قەدەمنى ئالغان. بىراق بۇ كېلىشىمدە ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ماددىلار ئورۇن ئالمىغان.