ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray) 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان سۆزىدە، كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن يامرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بۇ، ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى جامائەتكە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
2020-يىل خىتايدىن باشلانغان كوۋىد يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا 7 مىليونغا يېقىن ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى.
«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، كرىستوفېر ۋراي ئامېرىكادىكى «فوكس خەۋەرلىرى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ‹كوۋىد ۋىرۇسى بۈيۈك ئېھتىمالدا ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن يامرىغان› دېگەن قاراشقا كەلدى. بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋالغان تەجرىبىخانىنىڭ مەخپىيەتلىكى مەسىلىسى بار. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئورگانلىرى ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىپ، كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى جان-جەھلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى، پاكىتلارنى ئېلىشتۇرۇۋەتتى. ئەمما خىزمىتىمىز ھېلىھەم داۋام قىلماقتا».
ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا كرىستوفېر ۋراينىڭ «FBI نىڭ مۆلچەرىچە، كوۋىد ۋىرۇسى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزىگە يانداش ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋىرۇسنى تەكشۈرۈشكە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكى، ئەمما تەكشۈرۈشنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«ۋول سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكى FBI نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قوشۇلغان بولۇپ، 2021-يىلنىڭ بېشىدىكى گۇمانىي مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن. FBI بىلەن ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكى ئاقسارايغا ۋە بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا بۇ ھەقتە مەخپىي دوكلات سۇنغان. ئەمما بۇ دوكلاتنى ئوقۇغانلار ئىچىدە بەزىلىرى كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن چىققانلىقى ياكى ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارالغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن.