نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدا ياسالغانلىقىنى جاكارلىدى

دۇنياۋى ۋابا بولۇۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى خەلقئارادىكى دىپلوماتىيە ئۇرۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقاندا فىرانسىيەلىك ۋىرۇسشۇناس، 2008-يىلىدىكى نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى لۇك مونتاينېر تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

«ھەپتە» تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە پروفېسسور لۇك فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ «بۇ ۋىرۇس ۋۇخەندىكى خادىملار ئەيدىزگە قارشى ۋاكسىنا تەجرىبىسى قىلىۋاتقاندا بىخەستەلىك سەۋەبىدىن تارقىلىپ كەتكەن» دېگەن. ئەيدىز ۋىرۇسى ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى ئالغان بۇ كىشى نۆۋەتتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئەيدىز تەركىبىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بۇنداق ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي يوسۇندا پەيدا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پروفېسسور لۇكنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدىكى بۇ بايانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى شەپەرەڭدىن ئەمەس، بەلكى ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدىن ئىزدەۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋىرۇسقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق ئورنىتىش» ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر چەتئەل ئالىملىرىنى ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتىكەن. بۇ قېتىم پروفېسسور لۇكنىڭ سۆزلىرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلغان ھەمدە «بۇ خىل ۋىرۇسنى سۈنئىي يوسۇندا ئىشلەپ چىققىلى بولمايدۇ» دەپ تۇرۇۋالغان.