مايك پومپېيو خىتاينى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرگە ئېچىۋېتىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرگە ئېچىۋېتىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىردى.

ئۇ 29-ئاپرېل چارشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە: «بىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ COVID-19 تارقىلىشچان زۇكامىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشىنىش ھوقۇقى بار. بۇ ۋىرۇسنىڭ كەپ چىقىش سەۋەبىنى ئاشكارىلاش خىتاينىڭ مەجبۇرىيىتى،» دېدى.

مايك پومپېيو خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغان ۋىرۇس ھەققىدە سەمىمىي بولمايۋاتقانلىقىنى ھەر پۇرسەتتە تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 29-ئاپرېل كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ۋە دۇنيا ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىغا كىرەلمەيۋاتىمىز. خىتايدا مۇرەككەپ كېسەللىك مىكروبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانىلاردىن بىر قانچىسى بار ۋە ئۇلار ھېلىھەم ئوچۇق. بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ياكى كۈچەيتمىگەنلىكىنى بىلمەيمىز.»

خىتاي بولسا ئامېرىكانىڭ ۋە خەلقئارانىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى «دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى،» دەپ تەنقىد قىلغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مايك پومپېيونىڭ خىتايغا غەرەزلىك ھالدا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «مايك پومپېيو ئامېرىكانىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ ئاكتىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئۇ ئامېرىكانىڭ سوتسىيالىستىك خىتايغا بولغان قاتتىق دۈشمەنلىكىنى نامايان قىلماقتا. بۇ ھەم ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاينى ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتكە ئىتتىرىشتەك يامان غەرىزىنى ئاشكارىلىدى،» دەپ يازغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ خىتايدا ئېچىلىشى چەكلەنگەن تىۋىتتېردا مايك پومپېيونى «يالغان ئۇچۇر تارقاتتى،» دەپ شىكايەت قىلغان.

مايك پومپېيو بولسا 29-ئاپىرىلدىكى كۈنىدىكى سۆزىدە «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەر دائىم بىزگە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن شېرىك بولغۇمىز بار، دەيدۇ. ئۇ ھالدا ئىشەنچلىك شېرىكلەرنىڭ بۇنداق ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش مەجبۇرىيىتى بار»، دەپ تەكىتلىگەن.