پۈتۈن دۇنياغا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇس ۋۇخەندىن تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئۇنىڭ خىتايلاردىكى «ئاجايىپ-غارايىپ» ياۋايى ھايۋان گۆشىنى ئىستېمال قىلىش ھەۋىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئوبزورلار ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىندى. بۇ جەرياندا خىتايدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ۋە يېيىلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ئاللىقاچان غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىمۇ ئاشكارا بولدى.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە 24-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدىن كۆرسىتىلىشىچە، تاجىسىمان ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن خىتايدا ياۋايى ھايۋاناتلار باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇن تاقالغان. بولۇپمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ ياۋايى ھايۋانلاردىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئېلىپ-سېتىش ۋە ئىستىمال قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان بىر قوللۇق تەشۋىق قىلىپ كەلگەن «ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش» دولقۇنىدا يۇقىرى پەللىگە چىققان، شۇنىڭدەك ھەر يىلى 57 مىليارد پوند-ستېرلىڭلىق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ بېرىۋاتقان «ياۋايى ھايۋانلار باقمىچىلىقى» ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. خىتاينىڭ بۇ «دولقۇن» ئارقىلىق يېزىلاردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش ئارزۇسىمۇ كۆپۈككە ئايلىنىشقا يۈزلەنگەن.
مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتى جەريانىدا 2003-يىلىدىكى سارس ۋىرۇسىغا بىۋاستە سەۋەبكار بولغان سىۋىت مۈشۈكىنىڭ ئىستىمال قىلىنىشى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. خىتاي يېشىل تەرەققىيات فوندىنىڭ باش كاتىپى جۇ جىنفېڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «سارسنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرۇقلۇق دۆلەت تارماقلىرىنىڭ يەنىلا سىۋىت مۈشۈكىنى بېقىش ۋە يېيىشنى تەرغىپ قىلىشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلاشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسىتىدۇ.
ھالبۇكى بۇ قېتىمقى تاجىسىمان ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن خىتايدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار بازىرىدا سېتىلىۋاتقان ۋە يېيىلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، جۈملىدىن توز، تۆگىقۇش، تۈلكە قاتارلىق «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ زىننىتى» دەپ قارىلىدىغان ھايۋاناتلاردىن باشقا، شەپەرەڭ، يىلان-چايان ۋە تۈرلۈك ھاشارەت ھەم قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭمۇ كۆپلەپ يەپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارا بولغان. خىتايدىكى قانۇن پروفېسسورلىرى بۇ ئەھۋال ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بەزىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ‹كېسەل تارقاتقۇچ› ھايۋانلارنى يوق قىلىۋېتىش باھانىسىدە يەپ تۈگىتىشى بىئولوگىيەلىك كۆپ خىللىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. ئەنە شۇ سەۋەبتىن مۇشۇنداق بالايى-ئاپەتلەر كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن.