«لوس-ئانجېلىس ۋاقتى» گېزىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئامېرىكىنىڭ «لوس-ئانجېلىس ۋاقتى» گېزىتى خەۋەر ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى تۈرمىلەرگە تارقىلىشى بۇ ئورۇنلاردىكى مەھبۇسلار ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە ئەزالىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تۈرمە ۋە لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كەمچىل بولۇشى بۇ ئائىلىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن.

خەۋەردە، ئامېرىكانىڭ تېنېسى شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قىزى زۇلھايات يارمەمەتنىڭ ئەنە شۇ ئەندىشە ئىچىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، زۇلھاياتنىڭ ئىلىدىكى دادىسى بىلەن ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئىنىسى ئۆتكۈر 2017‏-يىلى تۇتۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۆتكەن يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 29 ياشلىق ئىنىسىنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ «لوس-ئانجېلېس ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، كورونا ۋىرۇسى ئۇنىڭ ئىنىسىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتىكەن. ئۇ: «بىز تاجسىمان ۋىرۇستىن ئەنسىرەيمىز-ئەگەر بۇ ۋىرۇس لاگېر ياكى تۈرمىلەردە بولسا قانداق بولار؟ ئۇلار بۇ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنى بۇ ۋىرۇسنى كۆتۈرەلمەيدۇ» دېگەن.

«لوس-ئانجېلېس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرنى تاقاپ، ۋىرۇسنىڭ بۇ ئورۇنلارغا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە، بۇ ھەرىكەتكە تۋۋىتتىردا 17 مىڭ ئادەمنىڭ ئىمزا قويۇپ، زور ھېسداشلىق قوزغىغانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى «توقۇلما ۋە تۆھمەت» دەپ رەت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.