دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 28-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياۋى تارقىلىش خەۋپى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ «ئىنتايىن يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات كورونا ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشنىڭ يەنىلا مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئەڭ كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى تەدروس ئەدخانوم گېبرەيۇسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ۋىرۇسنى كونترول قىلىش ئاممىۋىي سەھىيە ئىستراتېگىيەسىنى يېنىكلىتىش «زور خاتالىق» بولىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئىران مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا خىتايدىن قالسا ئەڭ خەۋپلىك دۆلەتكە ئايلانغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىراندىن 11 دۆلەتكە، ئىتالىيەدىن 14 دۆلەتكە تارقالغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئازىيىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئۇنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تولۇق ئېلان قىلغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئامېرىكىنى يۇقۇمغا دائىر ھەقىقى سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 28-فېۋرال كۈنى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە خىتاي مىقياسىدا 329 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەدروس ئەدخانوم گېبرەيۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتايدا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئەڭ ئاز يۇقۇمدار بايقالغان بىر كۈن ئىكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى دەپ، يۇقۇمنى ئازايتىپ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، رايوندا يۇقۇمنىڭ توختىغانلىقى، رايوندا بايقالغان 76 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋال پروگراممىسىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مايك رايېن «بىز يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىر جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى ھوشيارلىق ۋە ئەڭ يۇقىرى تەييارلىقتا تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن ئەمما بۇ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس» دېگەن.