موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادانى زىيارەت قىلماقچى بولغان فرانسىيىلىك مۇخبىرلار ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ قايتۇرۇۋېتىلدى


21 - فېۋرال كۈنى موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادانى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئىككى نەپەر فرانسىيىلىك مۇخبىر، خادانىڭ كۆكخوت شەھىرىدىكى تۇرالغۇسى ئالدىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قايتۇرۇۋېتىلگەن. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خادا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى چۈشتە بۇ ئىككى مۇخبىر كۆكخوت شەھىرىدىكى چىڭگىزخان ساقچىخانىسىغا ئاپىرىلىپ،چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئايرودرومغا مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلىپ قايتۇرۇۋېتىلگەن.

خادانىڭ ئايالى شىننانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خادا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆيى يەنىلا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇپ، خادانى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرى ساقچىلارنىڭ سوئال - سوراقلىرىدىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان. چەتئەللىك دوستلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ بۇ ئائىلىگە كېلىپ خادانى زىيارەت قىلىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى نازارەتچىلەر ئۇلارغا «چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئۇقتۇرغان.

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن خادا 1989 - يىلى «موڭغۇل مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى»قۇرغان ۋە موڭغۇللار ئۈچۈن ئالى ئاپتونوم ھوقۇقى تەلەپ قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 1995 - يىلى ئۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان»دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما خادا ئەپەندىنىڭ 15 يىللىق جازا مۇددىتى تولغاندىن كېيىنمۇ دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بەرمەي قانۇنسىز ھالدا 4 يىل تۇتۇپ تۇرغان. خادانىڭ ئايالى شىننانىڭ قايتا - قايتا ئەرز قىلىشى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن دائىرىلەر بۇلتۇر يىل ئاخىرى خادا ئەپەندىنى ئۆيىگە قايتۇرغان ئىدى.