يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى «خاماس» نىڭ قوراللىق ھۇجۇملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئاخبارات دولقۇنلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ھالبۇكى بۇ يەردە دىققەتتىن چەتتە قېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ «ۋاشىنگتون تەپتىشى» گېزىتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئوبزورىدا ئالاھىدە تەكىتلەندى.
ماركو رۇبىيونىڭ ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق ۋە ئورتاق بولغان چۈشەنچە بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تونۇش ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنگەن. بۇ خىل يۈزلىنىشكە ھازىر سۈكۈت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقان ھەمدە قىرغىنچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ سىفىرلىق ھۇجۇملىرىغا ئامېرىكا خەلقىنىڭ داۋاملىق سەۋرى قىلىشىغا بولمايدۇ. نۆۋەتتە بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋاتقان «تىك-توك» تا خاماسپەرەسلىك ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى مەزمۇنلارنىڭ تۆكمە بولۇشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسىگە ئەگىشىشكە يۈزلەندۈرۈش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، پۇرسەت كەلگەن تۇرۇقلۇقمۇ «تىك-توك» نىڭ مەنئى قىلىنماسلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ماركسىزمنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغان «تىك-توك» ھازىر جامائەت پىكرىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە مايىل قىلىشتا سولچىلاردىنمۇ ئارتۇق خىزمەت قىلماقتا. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا «تىك-توك» نى مەنئى قىلىپ، ئۇنىڭ خىتايچە ۋارىيانتى بولغان «دۇيىن» نى ئومۇملاشتۇرغان ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە پايدىلىق جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئەمما «تىك-توك» تا بولسا ھە دېسە «خاماس» نى مەدھىيەلەش، تېررورلۇقنى ھىمايە قىلىش، ئاشقۇنلۇق، جىنايەتكە مەپتۇن بولۇش ۋە جەمئىيەتكە قارشى چىقىش مەزمۇنىدىكى مەزمۇنلارغا ئورۇن ئاجرىتىپ كەلگەن.
ماركو رۇبىيۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان ‹تىك-توك› تا ‹خاماس› نى ھىمايە قىلىش مەزمۇنىدىكى قىسقا ۋىدىيولار يامراپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنى بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن دەپ قارايدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىزمەت يۆنىلىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇلار پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان غايەت زور كۆلەملىك ‹رەقەملىك تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇشى› نىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى، خالاس» دەيدۇ.