خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ 2 كىشى ئۆلدى، 55 كىشى يارىلاندى

21‏-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 كىشى ئۆلگەن، 55 ئادەم يارىلانغان. پارتلاش خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر رايوندا مەيدانغا كەلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 12 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتلاشنىڭ بىر رېستوراندا يۈز بەرگەنلىكىنى، پارتلاشنى رېستوراندىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭى پارتلاپ كېتىپ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

پارتلاش يۈز بەرگەن رېستوران ياكى دۇكان جايلاشقان كوچىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى بىر بىخەتەرلىك كامېراسى تارتىۋالغان كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش كۈچلۈك ئوت يالقۇنى ۋە قويۇق چاڭ-توزان پەيدا قىلىپ، ئېتىلىپ چىققان پارچە-پۇرات نەرسىلەر ئەتراپنى قاپلىغان. پارتلاش يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن بىنا ۋە ئاپتوموبىل، ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى كۇكۇم تالغان قىلىۋەتكەن. شىنخۇا ئاگنېتلىقى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا پارتلاش ۋە باشقا ھەر خىل قازا-ھادىسىلەرگە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك قائىدە-تۈزۈمىدىكى ئاجىزلىق سەۋەب بولىدىكەن. خاڭجۇدىكى پارتلاش خىتاي دۆلەت كابىنېتى مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ بىر كۈندىن كېيىن يۈز بەردى. 20‏-ئىيۇل چاقىرىلغان تېلېفون يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتناشقان ئىدى.