تۈركىيەدىكى «ئاييۇلتۇز» خاككىرلىرى خىتايغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئاييۇلتۇز نامى بىلەن تونۇلغان خاككىر گۇرۇپپىسى 30-ئىيۇن كۈنى فېيسبوك، تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، خىتايغا ئائىت كۆپلىگەن ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ۋە بىر قىسىم قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈردى.

ئاييۇلتۇز نامى بىلەن تونۇلغان خاككىر گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر خاككىر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تور بەتلەردە، «بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. ئۇلار ھۇجۇم قىلغان تور بەتلەرگە ئوڭ تەرىپىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، سول تەرىپىگە تۈركىيەنىڭ بايرىقى، ئوتتۇرىغا گۇرۇپپىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن رەسىمنى چاپلىغان ۋە بۇ رەسىملەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا «بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ ئەلچىسى» دېگەن شاھادەت كەلىمىسى بىلەن، «ئاللانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولغان دىن ئىسلام دىنىدۇر» دېگەن ئايەتنى يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خاككىر گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش، سودا تۆرىلىرىدىن 128 تور بەتكە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بۇ تور بېكەتلىرىنىڭ ئادرېسلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان. ئاييۇلتۇز خاككىر گۇرۇپپىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر تۈركلەر ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن» لىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تور بىكەتلىرىگە «بىزگە قىلىچ ئۇرمىغۇچە، دىنىمىزغا ھاقارەت قىلمىغۇچە، ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرمىغۇچە، مىللىتىمىزگە زۇلۇم قىلمىغۇچە بىزدىن ھېچ كىشىگە زىيان كەلمەيدۇ»، «ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرىڭغا سۈكۈت قىلمايمىز، تۈركىستان يالغۇز ئەمەس، ھەددىڭدىن ئاشما، بىز زۇلۇم بولغان ھەممە يەردە بار، ھەددىڭدىن ئاشما، ئىرقچىلىق ئاخىرىلاشمىغۇچە سىلەرگە راھەت يوق، تۈركنىڭ سەبرىنى تاشۇرما» دېگەن سۆزلەر يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.