چۇڭچىڭدا ئۆزلىرىنى خەلق ۋەكىللىكىگە نامزات كۆرسەتمەكچى بولغان ئىككى كىشى سولاپ قويۇلغان
2016.11.23
رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئۆزلىرىنى خەلق ۋەكىلى نامزاتلىقىغا تىزىملىتىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇپ ئەكىتىلىپ پۇرسەت ئۆتكىچە سولاپ قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چۇڭچىڭدىكى يۈجۇڭ رايونىدا خەلق ۋەكىللىكىگە نامزاتلىققا تىزىملىتىش 18-نويابىر باشلانغان ۋە 22-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە ئاخىرلاشقان. مەزكۇر تەۋەلىكتە ئۆزلىرىنى مۇستەقىل نامزاتلىققا كۆرسەتمەكچى بولغان خەن لياڭ ۋە شىي دەن ئىسىملىك ئىككى كىشى، بىرى ساقچىلار تەرىپىدىن، يەنە بىرى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن باغلاپ ئەكىتىلىپ 3 كۈنگىچە چەت بىر جايدىكى نامەلۇم ئورۇنغا سولاپ قويۇلغان ۋە نامزات تىزىملاش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندا قويۇپ بېرىلگەن.
مەزكۇر ئىككى شەخسنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار بۈگۈن چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ۋە ئۆزلىرىنى بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇرغان ساقچى ۋە نامەلۇم كىشىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەھۋاللار مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. دائىرىلەر سايلامدا ئىدارە-ئورگانلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن نامزاتلارنى تىزىملاپ، مۇستەقىل نامزاتلارنىڭ ئۆزىنى تىزىملىتىشىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا چەكلىگەن.
خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا 18 ياشقا توشقان ھەرقانداق پۇقرانىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بارلىقى دۆلەت قۇرۇلغاندىلا بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى مۇستەقىل نامزاتلاردىنمۇ چۆچۈشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.