ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «خىتاينىڭ ب د ت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تاللانغانلىقىدىن غەزەپلەندۇق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-10
Share

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 9-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تاللانغانلىقىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كومىتېتىنىڭ قوشما رەئىسى گېرىي بېيۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدەك دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى بېكىتىشىدە ھېچقانداق تەسىرى بولماسلىقى كېرەك،» ئىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا گۇرۇپپىسى يېقىندا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 5 كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تاللىغان.

خىتاينىڭ بۇ ئورۇنغا تاللىنىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ئورۇندىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنى بېكىتىشكە تەسىر قىلىدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈپ، 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە كاشىلا پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. باياناتتا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قوشما رەئىسى تەنزىن دورجى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يامان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ 2019-يىللىق دوكلاتىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنى «ماگنېتىسكىي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»، «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» دا ئۇنىڭغا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو قويۇشقا چاقىرغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت