ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «چېن چۈئەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارغا چوقۇم ئېمبارگو قويۇلۇشى كېرەك»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 16‏-سېنتەبىر كۈنى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئېمبارگو قويۇشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، تېلېفونلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقى ۋە تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئۆرنەكلىرىنىڭ ئېلىنىپ، د ن ئا ئۇچۇرىنىڭ توپلانغانلىقى، بالىلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى، ھەممىدىن يامىنى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقى ۋە بالىلارنىڭ يېتىمخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئائىلىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك سانسىزلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، ئۆلۈك-تىرىكلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «گەرچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ھۆكۈمەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قورقۇنچلۇق خورلاش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان. يىللاردىن بېرى بۇ خورلۇق كۈچىيىپ ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇرسىتىنى تراگېدىيەلىك رەۋىشتە ئۆتكۈزۈۋەتكەن.»

دوكلاتتا، نۆۋەتتە سىياسەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ بۇ قىلمىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەركەزلىشىشى، خىتاينىڭ بارلىق دىنىي توپلۇقلارغا قارىتىلغان خورلىشىنى توختىتىشقا، يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكنىڭ دەلىللىرىنى توپلاشقا قارىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغان ياكى ئۇنىڭغا يول قويغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئورگانلىرىغا دەرھال ۋە كەسكىن رەۋىشتە ئېمبارگو قويۇشى كېرەك.»

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى، شۇنداقلا گۈلمىرە ئىمىن، ئىلھام توختى. . . . . قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 1999‏-يىلدىن بېرى ھەر يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.