30-يانۋار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلانغان 2024-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ۋە كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت مەسىلىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى.
بۇ مۇھىم يىغىندا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇلىيە مىلساپ (Julie (Julie Millsap، خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ خادىمى جەيك پاركېر (Jake Parker) ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تود ستەيىن (Todd Stein) ۋە ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) ئامېرىكادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قولغا كەلگەن نەتىجىلەر، بۇ قانۇننى يولغا قۇيۇش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان قىيىنچىلىقلار ۋە تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جوئاننې كولونېللو (JoAnne Colonnello) نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق بۆلۈملىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئۆزئارا كۈچلۈك ياردىمى بىلەن ئىجرا قىلىنىدىكەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىمزا قويغان مەزكۇر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلىنىدۇ.