خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى نىشان قىلغان يېڭى يېتەكچى قوللانمىسى ماقۇللىغان

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى نىشان قىلغان يېڭى يېتەكچى قوللانمىسىنى ماقۇللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇقۇمىنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىغا كىرگۈزۈشى ئىكەن. بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېڭى يېتەكچى قوللانمىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆلچەش ۋە ئۇقۇملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ھەم مەجبۇرلاش ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئۇنىڭ «ئىختىيارىي بولمىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بىرلىككە كەلگەن يادرولۇق يېڭى كۆرسەتكۈچلىرى» گە ئېنىقلىما بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي تەتقىقات ئىشلىرى دىرېكتورى، نوپۇزلۇق لاگېر ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ 18-ئاپرېل X تا، يەنى بۇرۇنقى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلانىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىغا كىرگۈزۈشى زور قەدەم ئىكەن.

ئادرىيان زېنز، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارىتىلغانلىقى، «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» ئاتالغۇسىنىڭ تۆت يەردە تىلغا ئېلىنغانلىقى، چۈنكى «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» دۇنيادا پەقەت خىتايلا كەڭ قوللىنىدىغان مەخسۇس ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ يېڭى يېتەكچى قوللانمىسىنى تۈزۈشتە ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن كەڭ پايدىلانغان. خەۋەرلەردە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى دوكتور زېنز بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ئادرىيان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى يېتەكچى قوللانمىسىغا دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كەڭ مەزمۇنلارنى قوشۇپ، «تۇتقۇن سىرتىدا يۈرگۈزۈلگەن دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك» ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بايقاش مۇمكىنچىلىكىنى كۈچەيتكەن.