خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئىشخانا ئىجارىگە ئېلىشى خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى ئەيىبلەش ۋە بۇ لاگېرلارغا سولانغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكادىكى شۆبىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ نيۇ-يوركتىكى بىر بىنادىن ئىشخانا ئىجارىگە ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلات نيۇ-يوركتىكى بىر بىنادىن يېڭى ئىشخانا ئىجارە ئالماقچى بولغان. بىراق ھەممە رەسمىيەتلەر پۈتۈپ كېلىشىمنى ئىمزالايدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ئىجارە بەرگۈچى شىركەت كېلىشىمدىن يېنىۋالغان. ئىجارە بەرگۈچى شىركەتنىڭ ئىزاھلىشىچە، «بۇ بىنا خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كوسكو ترانسپورت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى بىنادا ئۆز دۆلىتىگە قارشى گەپ قىلىدىغان بىر ئورگاننىڭ بولۇشىنى مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ يوليورۇق بەرگەن ئىكەن.

كوسكو ترانسپورت شىركىتى خىتاينىڭ ئەڭ زور دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قارايدىغان 100 كارخانىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەركىزى ئەنگىليەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرغا قارشى ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رايونغا بېرىپ لاگېرلارنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى تېخى بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنى قوللاشنى قارار قىلغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى «ھازىرقى بۇ ئاچقۇچلۇق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى قانۇن لايىھەسىنى قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي تۇرۇپ ماقۇللاش» قا چاقىرغان.

ئۇلار، تېخى ئالدىنقى كۈنى، يەنى 13-ماي كۈنى، مالايسىيادىن غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلىپ لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇر دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنە تاشمۇھەممەت ھەققىدە «جىددىي ھەرىكەت» چاقىرىقى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشنى، گۈلگىنە ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانىدى.