خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2012-يىلى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن 23-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا،2012-يىلى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر سانى 1000 دىن ئېشىپ، دۇنيادا رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە 2012-يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار سانى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئومۇمىي سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا يەنە، خىتايدا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان قارا تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.