ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مېيىپ ياش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز، بۈگۈن رادىئومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، يېقىندىن بۇيان پىچان، مارالبېشى ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.
ئۇ مەكتۇپىدا، يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. سىياسەت ئۆزگەرمىسە قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تىنچىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېيىپ ياش، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئالدى بىلەن رايونغا كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەڭسىزلىكنى تۈگىتىشكە دەۋەت قىلغان ياش، خەلقئارا جامائەتكىمۇ مۇراجىئەت قىلىپ،، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنى كۆزىتىدىغان دائىملىق ئىشخانا ئېچىشىنى تەلەپ قىلغان.