خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاي ژۇرنالىست گاۋ يۈنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
2015.08.07
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تۈرمىدىكى ئاتاقلىق خىتاي ژۇرنالىست گاۋ يۈگە ئارتىلغان جىنايەتنى بىكار قىلىشقا ۋە ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى باياناتىدا، گاۋ يۈنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «دائىرىلەر ئۇنىڭ زۆرۈر تەبىئىي ئاسراش ۋە داۋالاشقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى.
گاۋ يۈ ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا قولغا ئېلىنغان. ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى»بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. لېكىن گاۋ يۈنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تۈرمىدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتكەن. ئۇ ئادۋوكاتىغا «مەن تۈرمىدە ئۆلۈشنى خالىمايمەن» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى گاۋ يۈنى كومپارتىيەنىڭ 9-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى چەتئەل ئاخباراتىغا ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن. كومپارتىيەنىڭ 2013-يىلى تارقىتىلغان 9-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك كۈرەش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭدا، ئاساسى قانۇنلۇق دېموكراتىيە تەلەپلىرىگە قانداق قارشى تۇرۇش، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، كىشىلىك ھوقۇق مۇنازىرىلىرىنى قانداق مەنئى قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمىلەر بېرىلگەن.