ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچىنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلدى

26-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە پاترىك لەخىي قاتارلىقلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئادۋوكاتى جېف سېششىنسقا مەكتۇپ يوللىدى.

مەكتۇپتا ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) نىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق بۇ ئۆكتىچىلەرنى خىتايغا قايتىپ بېرىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپنىڭ تولۇق تېكىستى ماركو رۇبيو ۋە پاترىك لەخىينىڭ ئاۋام پالاتا تورىدىكى بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى خالىغانچە سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر بۇنداق قىلمىشقا داۋاملىق يول قويۇلسا ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» نىڭ ئىجرا بولۇشىغا يامان تەسىرى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەكتۇپتا يەنە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مېڭ خوڭۋېينىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بۇ خىل سۇيىئىستېمال قىلمىشىدا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى خالىس ئادا قىلغان ياكى قىلالمىغانلىقى ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن گۇمانلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دولقۇن ئەيساغا چىقىرىلغان «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» 21 يىل مەۋجۇت بولغان ئىدى. 2017-يىلى مارت ئېيىدا دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىكى بۇ خاتا بۇيرۇق بىكار قىلىنغان ھەمدە «ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى بىر چوڭ غەلىبىسى،» دەپ ئاتالغان ئىدى.