خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلدى

خەلقئارا ئادۋوكاتلار بۇ ھەپتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە يېڭى دەلىللەرنى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادۋوكاتلار 20-ئىيۇن، يەنى دۈشۈنبە كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە «بېيجىڭنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەر ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي (خىتايغا) قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى» گە ئائىت يېڭى دەلىللەرنى سۇنغان.

يېتەكچى ئادۋوكات رودنېي دىكسون «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىغا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن باياناتىدا، «بۇ، ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا يوللانغاندىن كېيىن ئۇلارغا نېمە ئ‍ىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق رەۋىشتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەرز خەلقئارا ئادۋوكاتلارنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى سۇنغان دەسلەپكى ئەرزىدىن بۇيانقى 3-قېتىملىق ئەرزى ئىكەن. ئادۋوكاتلار، خەلقئارا جىناي ئىشلار سوتىغا تۇنجى قېتىم 2020-يىلى 6-ئايدا ئەرز سۇنغان. ئىككىنچى قېتىم 2021-يىلى 10-ئايدا، ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن دۈشۈنبە كۈنى، يەنى 20-ئىيۇن قوشۇمچە دەلىللەرنى تاپشۇرغان ئىكەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئادۋوكاتلار تۇنجى ئەرزنى سۇنغاندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىشلىرى خىتاينىڭ خەلقئارا جىنايي ئىشلار سوتىغا ئەزا ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، سوتنىڭ دېلو تۇرغۇزالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئادۋوكاتلارنىڭ ئاخىرىقى قېتىم سۇنغان ماتېرىياللىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان «بىر شاھىتتىن ئېلىنغان بىرىنچى قول دەلىل-ئ‍سپات» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە بۇ شاھىتنىڭ ئىسمى تىلغان ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، 2018-يىلى خىتايدىن قېچىپ قىچىپ چىقىشتىن بۇرۇن لاگېرغا قامالغانلىقى، ئۇنىڭ سوئال-سوراق ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەنگەن.