ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ لايىھىلىگۈچىلىرى خەلقئارالىق دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.10.19

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى تەييارلاپ چىققان «زۇلۇم بىناكارلىقى» سەرلەۋھىلىك زور ھەجىملىك دوكلات 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش لايىھەلىگۈچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم خەلقئارانىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى دەسلەپكى زور تۇتقۇندىن تاكى يېقىنقى قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا قەدەر ئوخشىمىغان جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر شەخسنىڭ ياكى مەلۇم ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ خاس مەسئۇلىيىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. ئەكسىچە بۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە قانۇن سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق مېخانىزمى زىچ ھەمكارلاشقان بىر قېتىملىق كوللېكتىپ قۇرۇلۇش بولۇپ، يۇقىرىدا شى جىنپىڭ، تۆۋەندە چېن چۈەنگو قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە رەھبەرلىرى بۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان. پۈتكۈل پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى بۇنىڭغا تولۇق ئىشتىراك قىلغان. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىدىن چىققان «بىزدە مۇقىملىق مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى قىلمىغان بىرمۇ ئىدارە-جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن سۆزنى پۈتۈنلەي رېئاللىق ئاساسىدىكى ھەقىقىي تەسۋىر دېيىشكە بولىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن بىر ئەھۋال ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىلىم ئاشۇرغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بولۇپ، ئۇ 2012-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىسقا مۇددەت بىلىم ئاشۇرغانىكەن. 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا سۆز قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنى ئاقلاپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەر» دېگەن.

يەنە بىر كىشى مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ياۋ نىڭ ئىكەن. ياۋ نىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، 2011-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۈچ ئايلىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن. 2014-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن ياۋ نىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردە، كېيىن مارالبېشى ناھىيەسىدە مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2019-يىلى مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان. ئۇ سېكرېتارلىققا تەيىنلەنگەن مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن توققۇزى بار بولۇپ، ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يېڭىدىن 320 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلغان. 2021-يىلى ئىيۇلدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 103 نەپەر ئىلغار خىزمەتچىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋ نىڭمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ھەمدە ئۇنىڭغا «مۇنەۋۋەر ناھىيە سېكرېتارى» دېگەن نام بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.