10-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى توكيودا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىيونلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قەبىھ باستۇرۇشلىرى، ئۇيغۇرلارغا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە سېلىۋاتقان تەھدىتىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» بىر باياناتنامە ئېلان قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ تۈپ نىشانى ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
باياناتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «گەرچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا لاگېرلارنى تاقىدۇق دېگەن بولسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا ياتماقتا، خالىغانچە تۇتۇش داۋاملاشماقتا، قامىلىش مۇددىتى ئۇزارتىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچرىماقتا، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇرمۇشى خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي يەنە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» .
«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يەنە بۇ باياناتنامىدە 20 نەچچە تەكلىپ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە: ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ خىتاينىڭ مىللىي يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش؛ مۇتەخەسسىسلەر بىرلىشىپ، ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» نىڭ ئېنىقلىمىسىنى بېكىتىش؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە جىددىي قاراشقا ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا ئۈندەش؛ غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نورماللاشتۇرۇشىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن قېچىشىغا ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىشىغا يول قويماسلىق؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىشىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ داۋاملىشىشىنى توسۇش قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.