موسكۋا بىلەن تېھران 21 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزگەن

موسكۋا ۋە تېھران رۇسىيەنىڭ ئىراننى 21 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم تېخنىكىسى ئەسلىھەلىرىنى تەمىنلىشى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى.

رۇسىيەنىڭ لېنتا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئىران دۆلەتلىك ئالەم تېخنىكىسى مەركىزىنىڭ باشلىقى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغان.

بۇ كېلىشىم بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا موسكۋا شەھىرى يېنىدىكى جيكوۋسكى شەھەرچىسىدىكى ئاۋىئاتسىيە مەركىزىدە ئىمزالانغان، كېلىشىم بويىچە ئىران رۇسىيەدىن «سۇخوي سۇپېرجېت 100» تىپلىق پاسساجىرلار ئايروپىلانى سېتىۋالىدىكەن، ئەمما مەزكۇر ئەرباب بۇ ئايروپلانلاردىن قانچىنى ئالدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىراننىڭ يەنە رۇسىيەدىن «ئىل-76 مد-90ئا» تىپلىق ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى ۋە«پانسىر-س1» تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش زېنىت توپ سىستېمىسى سېتىۋەلىشى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان.

نۆۋەتتە، خىتاي، ئىران، ھىندىستان، قازاقىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر رۇسىيەننىڭ ئاساسلىق ئىلغار ھەربىي ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى خېرىدارلىرى ھېسابلانماقتا.