ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارالىق مۇھاكىمە مۇنبىرىدە مۇزاكىرە قىلىندى
2017.02.15
جەنۇبىي كورېيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولغان «ئاسان سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» گە قاراشلىق «ئاسان سەھنىسى» قوش ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىللىق فېۋرال سانىدا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلاركنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى زور ھەجىملىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 1949-يىلى ئىشغال قىلغان مەزكۇر رايوننىڭ ھازىر خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ رايوندىكى ئېنېرگىيە بايلىقى سەۋەبلىك بۇنىڭ خىتايدىكى سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بازا بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىق دولقۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى سىياسىي ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنى بېسىپ كېتىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، كۇنمىڭدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى نىشانلانغان بومبا ھۇجۇملىرىغا قەدەر بولغان ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىر كۆلەم جەھەتتە دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىشقا بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقلارنى تاشقى دۇنيانىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەققىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى چاقىرىقلىرىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشتەك تۈپلۈك نەزەرىيەسى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئەندىشە قىلىشقا يېتەكلىمەكتە ئىكەن، بۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چېتىشلىق بىرقاتار سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.