رويتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئالغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، رويتېرسنىڭ بىر مۇخبىرى يېقىندا قەشقەر ۋە خوتەنلەرنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەردە «تېررورلۇق»قا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن خەلق مانېۋىرى، خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ۋە دىنىي تەربىيە يىغىنلىرىغا شاھىت بولغان.
خەۋەردە، قەشقەردە دۇكانلارغا مەجبۇرىي رەقەملىك بىخەتەرلىك ئىشىكى، سىگنال ۋە ۋىدېئو كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، دۇكان ئىچىدىكى ۋىدېئو كامېرالارنىڭ ساقچىغا يوللىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ قەشقەردە كۆرگەن بىر كوچا مانېۋىرىنى مىسالغا ئالغان.
مۇخبىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەشقەردە ھەر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنسا، قەشقەر رەستىلىرىدىكى دۇكاندارلار ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن كالتەكلىرىنى كۆتۈرۈپ تالاغا چىقىشقا مەجبۇركەن.
خەۋەردە يەنە، قەشقەردىكى يەرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ خىل ئامانلىق تەدبىرلىرىگە قەشقەر خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى رويتېرسنىڭ مۇخبىرىغا «بىزنىڭ ھېچقانداق مەخپىيەتلىكىمىز قالمىدى. ئۇلار سىزنىڭ ھەممە ئىشىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئىستەيدۇ» دېگەن. خەۋەردە يەنە، بۇ يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا بىر يول، بىر بەلۋاغ خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىن مەزگىلىدە زور كۆلەملىك بىر ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق، چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ھەممە نەرسىنىڭ ئامانلىققا مەركەزلىشىپ قېلىشى، بېيجىڭنىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ » نىشانىغا زىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.