ئىئورنىدانىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى نامايىش يۈز بەرگەن.
«ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش سەيشەنبە كۈنى، يەنى يېڭى يىل ھارپىسىدا پايتەخت ئامماندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نامايىشنى «ئىسلامىي ھەرىكەت فىرونتى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» نىڭ سىياسىي قانىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. نامايىشقا «ئىسلامىي ھەرىكەت فرونتى» نىڭ رەئىسى مۇراد ئەل-ئادائىلېھ ۋە شۇنداقلا ئىئوردانىيە پارلامېنت ئەزاسى سائۇد ئابۇ-ماھفۇز ئىشتىراك قىلغان.
«ئىسلامىي ھەرىكەت فرونتى» نىڭ رەئىسى مۇراد ئەل-ئادائىلېھ ناماياشتا بەرگەن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان يىرگىنىشلىك جىنايەت» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشقا چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىرغان. نەچچە ئونلىغان نامايىشچى ئامما بىردەك شوئار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
يۇقىرىقى بۇ نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرغا سولىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئەنئەنىلىرىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان ئىسلام ئەللىرىدە كۆتۈرۈلگەن ناھايىتى ئاز ساندىكى چوقانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يېقىندا ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئامما ئارىسىدىكى بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلماقتا.