خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقلىرى كۈچەيدى
2022.09.02
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت ئىشخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلگەن دوكلاتنى ئېلان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ يەكۈن چىقارغاندىن كېيىن خەلقئارادا ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقلىرى كۈچەيدى.
نۇرغۇن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى چاقىرىقلىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكادىكى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش فوندى (Victims Of Communism Memorial Foundation)، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق ئورگانلار تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە ئەركىن دېموكراتىك دۇنيانىڭ ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى ئەۋەتىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 20 دۆلەتتە تۇرۇشلۇق 60 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىكتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى جۈملىدىن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ چاقىرىقتا مۇنۇلار دېيىلگەن:
«ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئەزا دۆلەتلەر، ب د ت ئورگانلىرى ۋە دۇنيا سودا ساھەسىنىڭ ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشىغا يول ئاچىدۇ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا بولسا باياناتتىكى سۆزىدە «جاۋابكارلىققا تارتىش ئەمدى باشلىنىشى لازىم» دېگەن.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «ئەركىنلىك سارىيى» بولسا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى بېكىتكەنلىكىنى قارشى ئالغان ۋە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «ئەركىنلىك سارىيى ئىنتايىن ئېنىق بۇ پاكىتلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەنلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ماس قەدەمدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قاراتمىلىقى بولغان جازالاش ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەك».