يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا سىڭىپ كىرىشىدىن ھوشيار تۇرۇشنى تەكىتلىدى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېنستون پېتېرس، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئاۋسترالىيە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

ۋېنستون پېتېرس بۇ سۆزلەرنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى جاسېندا ئاردېرن جۈمە كۈنى سېدنىيدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تيۇرېنبۇل بىلەن كۆرۈشۈشتىن بىر كۈن ئاۋۋال قىلغان. پېتېرس پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى لوۋىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ: «پۈتكۈل تىنچ ئوكيان رايونى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ رەھبەرلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بەرسىمۇ، ئەمما ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا،» دېگەن.

ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە بۇرۇن جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلىرىدا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەن. ئەمما يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشى ئۇلارنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك خىرىس پەيدا قىلغان. ئاۋسترالىيە لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىگە بىر مىليارد 800 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان.

ھالبۇكى، بۇ يىل 1‏-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى كونسېتا فېراۋانتى ۋېلس، بېيجىڭنىڭ بۇ ئاراللارغا «كېرەكسىز بىنا» ۋە «ئاخىرى يوق يوللار» نى ياساپ بېرىپ، ئۇلارنى قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ۋېنستون پېتېرس لوۋىي ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە يەنە يېڭى زېلاندىيەنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە بېرىدىغان ياردىمىنى كۆپەيتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق يېڭى زېلاندىيەنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.