خىتاينىڭ دۇنيانى «ئوڭدا قويۇش» بەدىلىگە پايدا ئالماقچى بولۇشى تەنقىدلەندى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ يەر ئالماقتا.

ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى باش مەسلىھەتچىسى پىتېر ناۋاررو 19-ئىيۇل كۈنى CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىدە سۆز قىلىپ: «خىتاي نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيانى ئوڭدا قويۇپ، دۇنيانىڭ قولدىن بېرىپ قويغىنى ھېسابىغا ئۆزىنى سەمرىتمەكتە. بىز ئۆز مەنپەئەتىمىزنى قوغدىمىساق بولمايدىغان باسقۇچقا ئۆتتۇق» دېگەن.

ناۋاررونىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ تەقلىدىي ئەقىل ۋە باشقا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوغدىشى، خىتاينىڭ بۇ «لوق گۆش» لەرنى بىكارنىڭ ئورنىدا يەۋېلىشىدىن ساقلىنىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم ئىكەن. يەنە كېلىپ، خىتاي ھازىر پۈتكۈل دۇنيانى زىيانغا ئۇچرىتىش ھېسابىغا زورايماقتا ئىكەن.

ناۋاررو نۇقتىلىق قىلىپ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ يالغۇز ئامېرىكىنىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئەقلىي مۈلۈك ۋە تېخنىكا بايلىقىنىڭ ئوغرىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە: «خىتاي ئەمدىلىكتە بىزنىڭ تاجىمىزدىكى مەرۋايىتقا قول ئۇزىتىۋاتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالاقىدار زاتلار خىتاينىڭ ھېلىھەم خەلقئارا بارار ۋە سودا مىزانلىرىغا ئەمەل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە تەخىر قىلماسلىققا ئۈندەش سادالىرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.