خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جاماەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنىڭمۇ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خەلقئارا جامائەت پىكرىنى بۇراش ئۈچۈن بۇنىڭغا ماس ھالدا پائال ھەرىكەتلىنىپ، ئۆزىنى ئاقلاۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

25-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ» دېگەن تەنقىدىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلار دىيارىغا زور ساندا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇرۇش قىلمىغانلىقىنى، پەقەت قاتتىق باشقۇرۇش جەريانىدا ئازغىنە ساندىكى زىيان-زەخمەت ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەن ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى، رامىزان مەزگىلىدە مەسچىتلەرنىڭ تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ھەرقايسى جايلاردىكى چوڭ مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىشقا كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ۋەز ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ھىندونېزىيە ئىسلام ئۆمىكى» نى باشلاپ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان سەئىد ئاقىل سىرادنىڭ ياڭخاڭ مەسچىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۆز سۆزىگە «ئىسپات» تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما ئامېرىكىنىڭ تېننەسى شتاتىدىكى دوختۇر تاكۇئو سونودانىڭ 23-سېنتەبىر كۈنى «كۈندىلىك ۋاقىت» گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىگە يازغان «شىنجاڭدا ‹زور قىرغىنچىلىق› يۈز بەرمەكتە» سەرلەۋھىلىك ئوچۇق خېتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۆزىنى ئاقلاشلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ جانلىق تەنقىد دېيىشكە بولىدىكەن.

خەتنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق تونۇشلۇقى بولمىغان بىر ئىچكى كېسەللەر دوختۇرى بولۇپ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئۇيغۇرلارنى بىلگەن بىر كىشى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەر ئايرودرومىدا ئىنساننىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېغىزى تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن.

ئىچكى ئەزالىرى سۇغۇرۇۋېلىنغان كېيىن ئۇ كىشىنىڭ بەدىنى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىدا بىر ياقلىق قىلىنىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ خىل تۇتقۇن ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش پائالىيىتى كۆپەيمەكتە ئىكەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى باياناتلىرىنى ئەيىبلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئاددىيلا دىنىي باستۇرۇش ئەمەس. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش يولىدىكى قارشىلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا» دەيدۇ.