شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئاسان ئوت ئالىدىغان ياكى پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق يوللاردا ئاسان ئوت ئالىدىغان ياكى پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى بىردەك قاتناشتىن توختايدىكەن. بۇ تۈردىكى ئاپتوموبىلنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا كىرىپ بېنزىن ياكى دىزېل قاچىلىشىمۇ چەكلىنىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن» مەزكۇر جىددىي ئۇقتۇرۇشنى چىقارغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن زور ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكىنى، ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە ناھايىتى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
