ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن رۇسىيەنى «دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان خەتەرلىك كۈچلەر» دەپ تونۇغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.14

«ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ 14-مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى سىياسەت ھەققىدە چىقارغان يېڭى دوكلاتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە «دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان خەتەرلىك كۈچلەر» دەپ قارالغان. بۇ دوكلاتتا، «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى دۇنيا تەرتىپىگە، جۈملىدىن ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زور تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېيىلگەن.

ئەنگلىيە باشمىنىستىر رىشى سۇناك يۇقىرىقى دوكلاتقا يازغان كىرىش سۆزىدە: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى ۋە يادرو قورالى تەھدىتى سالدى. خىتاي بولسا جەنۇبى دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. بۇلار بەلكىم قۇتۇپلاشقان، خەتەر ۋە مالىمانچىلىققا تولغان بىر دۇنيا پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېگەن.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە رۇسىيەگە بېرىپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىىستىرلىقى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەن؛ رۇسىيە تەرەپمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە سالا-سۈلھى قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ سىنا (شىنلاڭ) تورىدا بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىر باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا «خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مەيدانى» نى قايتا شەرھلەپ، بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشتا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننى ياراشتۇرۇپ قويۇشتەك «چوڭ دۆلەت رولى» نى ئوينايدىغانلىقىنى پەش قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.