خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا باشلانغان 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 18-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان.
خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر دائىمىي ئەزاسى قاتناشقان.
«جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرايلى» دەپ نام بېرىلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بىرىنچى نومۇرى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە» دېگەن كوللېكتىپ ئۇسۇل بىلەن باشلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى مەخسۇس تەييارلىغان سىياسىي خاراكتېرلىك سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئائىلىسىنى بەرپا قىلىش ۋە جۇڭخۇا ۋەتىنىگە ساداقەت بىلدۈرۈش» دېگەندەك مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە» دېگەن سەپسەتىگە باشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يەنە بۈگۈنكى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئەمەلىيەتتە جياڭ كەيشىنىڭ 1947-يىلى ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ تەقدىرى» ناملىق كىتابىدىكى «خىتايدىكى ھەممە مىللەتلەر ئورتاق بىر ئۇرۇقتىن كېلىپ چىققان» دېگەن سەپسەتىسى بىلەن ھېچقانداق پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە.